ش ئا ئە ت باشلىقلار يىغىنىدا مۇھىم نۇقتا مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ھەربىي قۇرۇلۇش قارالمىسىغا مەركەزلەشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-07-12 10:35

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ستولتېنبېرگ تۈنۈگۈن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا 29 دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى شۇ كۈنى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى، تېررورىزمغا زەربە بېرىش ھەمدە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ھەيۋىسى ۋە مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش ھەققىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.

ستولتېنبېرگ مۇنداق دېدى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدا مەسئۇلىيەت ئادىل ئۈستىگە ئېلىنمىغان دەپ قاراپ، ھەر قايسى دۆلەتلەر مۇداپىئە خامچوتى، ھەربىي ئىقتىدار قۇرۇلۇشى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ھەرىكىتىگە تۆھپە قوشۇشتىن ئىبارەت ئۈچ جەھەتتە تىرىشىشقا قوشۇلدى.

ستولتېنبېرگ مۇنداق دېدى: ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقا رايونىنىڭ مۇقىمسىزلىقى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەسىر كۆرسەتتى. ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئىراقتا يېڭىدىن مەشىقلەندۈرۈش ۋەزىپىسىنى قانات يايدۇرىدۇ، غەيرىي ئۇرۇش خاراكتېرىدىكى بۇ ھەرىكەتكە كانادا مەسئۇل بولىدۇ. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى يەنە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش جەھەتلەردە ئىيوردانىيە ۋە تۇنىسنى قوللاشنى كۈچەيتىشنى قارار قىلدى.

ستولتېنبېرگ مۇنداق دېدى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ماكېدونىيە بىلەن گىرېتسىيەنىڭ دۆلەت نامىنى ئۆزگەرتىش مەسىلىسىدىكى بارلىق تەرتىپلەرنى تاماملاپ بولغاندىن كېيىن، ماكېدونىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا كىرىش سۆھبىتىنى باشلاشقا تەكلىپ قىلىدۇ.