فۇكىتتىكى پاراخوت ئۆرۈلۈش ۋەقەسىدىكى ئاخىرقى بىر يولۇچىنىڭ جەسىتى تېپىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-07-12 15:11

تايلاند فۇكىت ئۆلكىسىنىڭ ئەمەلدارى نوراپا تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن ساياھەت پاراخوتى ئۆرۈلۈپ كېتىش ۋەقەسىدىن قۇتقۇزۇش ئەھۋالى ھەققىدىكى مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: تايلاند-جۇڭگو قۇتقۇزۇش كۈچلىرى شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن يەنە بىر جەسەتنى تېپىپ، «سۇمۇرغ» ناملىق پاراخوتتا قازا قىلغۇچى ئىكەنلىكىنى دەسلەپكى قەدەمدە مۇئەييەنلەشتۈردى. ھازىرغىچە، فۇكىتتىكى ساياھەت پاراخوتى ئۆرۈلۈپ كېتىش ۋەقەسىدىكى 47 قازا قىلغۇچىنىڭ جەسىتى تولۇق تېپىلدى.

نوراپا مۇنداق دېدى: شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، تايلاند-جۇڭگو قۇتقۇزۇش كۈچلىرى فىفى ئارىلىنىڭ دېڭىز ساھىلىدا بىر ئەرنىڭ جەسىتىنى بايقىدى ھەم ئۇنىڭ ئۇچىسىدىن خەلق پۇلى، كۆڭلى ئېلىشىشنى باسىدىغان دورا ھەم نۇسخىسى «سۇمۇرغ» ناملىق پاراخوت يولۇچىلىرىنىڭكىگە ئوخشاش قۇتقۇزۇش كىيىمىنى تېپىپ، بۇ قازا قىلغۇچىنىڭ جۇڭگولۇق يولۇچى ئىكەنلىكىنى دەسلەپكى قەدەمدە مۇئەييەنلەشتۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىرغىچە، «سۇمۇرغ» ناملىق پاراخوتتىكى 89 يولۇچىنىڭ 42 سى قۇتقۇزۇۋېلىندى، 47 سى قازا قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى 43 جەسەتنىڭ سالاھىيىتى دەلىللىنىپ، جۇڭگو پۇقراسى ئىكەنلىكى جەزملەشتۈرۈلدى. يەنە بىر جەسەتنى «سۇمۇرغ» ناملىق پاراخوت گەۋدىسى دېڭىز ئاستىدا بېسىۋالغاچقا، سۈزۈپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ.