جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ 8-نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى مول نەتىجىگە ئېرىشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئېلنۇرە رەھىمبەگ|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-07-12 15:12

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ تۈنۈگۈن ئېچىلغان قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ 8-نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى بىر قېتىملىق تارىخىي مۇساپىنى ئاچقان، كەلگۈسى پىلانلانغان، ھەمكارلىق مەركەزلەشكەن، تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يىغىن بولۇپ، يىغىندا مول نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلۈپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىقىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش چاقىرىقى چېلىندى.

خۇا چۈنيىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 10-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇنقى ئېچىلىش مۇراسىمىدە، رەئىس شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىشىدىغان، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان، كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى جاكارلىدى ھەمدە جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرىنىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» نى بىرلىكتە قۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشى توغرىسىدا نۇرغۇن ئالدىن كۆرەرلىك، يېڭىلىق يارىتىشچان ۋە يول ئېچىش خاراكتېرىلىك مۇھىم تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرى مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىپ بېرىپ، ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرى ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق توغرىسىدا 100 نەچچە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. ئىككى تەرەپ «بېيجىڭ خىتابنامىسى»، «مۇنبەرنىڭ 2018-يىلىدىن 2020-يىلغىچە بولغان ھەرىكەت ئىجرا پىلانى» ۋە «جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرىنىڭ ھەمكارلىشىپ بىرلىكتە بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇش ھەرىكەت خىتابنامىسى» دىن ئىبارەت ئۈچ مۇھىم نەتىجە ھۆججىتىنى ئىمزالاپ، بۇندىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئېنىق، سىستېمىلىق مۇكەممەل پىلان تۈزۈپ بەردى.

خۇا چۈنيىڭ مۇنداق دېدى: «بېيجىڭ خىتابنامىسى»دا جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنى نۇقتىلىق شەرھلەندى، جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرىنىڭ مۇناسىۋىتى ۋە كوللېكتىپ ھەمكارلىقىنىڭ يۆنىلىشى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. «مۇنبەرنىڭ 2018-يىلىدىن 2020-يىلغىچە بولغان ھەرىكەت ئىجرا پىلانى» دا ئىقتىساد- سودا، سانائەت، ئېنېرگىيە، مەدەنىيەت قاتارلىق 20 گە يېقىن ساھەنى قاپلىغان ھەمكارلىقنىڭ يېڭى لايىھەسى، يېڭى تەدبىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. «جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرىنىڭ ھەمكارلىشىپ بىرلىكتە بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇش ھەرىكەت خىتابنامىسى» دا«بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ يېتەكچىلىك رولى گەۋدىلەندۈرۈلدى. ئىككى تەرەپ يەنە «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىدىكى نۇقتىلىق ساھە، ئالدىن ئويلىشىدىغان يۆنىلىش، ھەرىكەت تەدبىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.