دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، سودا مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونىڭ ئامېرىكىغا كىرگۈزىدىغان 200 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەھسۇلاتىدىن تاموژنا بېجىنى كۆپەيتىپ ئېلىش تىزىملىكىنى ئېلان قىلغانلىقىغا قارىتا ئىنكاس قايتۇردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئېلنۇرە رەھىمبەگ|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-07-12 15:13

سودا مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى تۈنۈگۈن ئامېرىكىنىڭ ئېلىمىزنىڭ ئامېرىكىغا كىرگۈزىدىغان 200 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەھسۇلاتىدىن تاموژنا بېجىنى كۆپەيتىپ ئېلىش تىزىملىكىنى ئېلان قىلغانلىقى ھەققىدە سۆھبەت بايان قىلدى.

باياناتچى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئامېرىكىنىڭ تېزلىتىش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۇسۇلىدا تاموژنا بېجى ئېلىش تىزىملىكىنى ئېلان قىلىشىنى تامامەن قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ، بىز بۇنىڭغا قاتتىق ئېتىراز بىلدۈرىمىز. ئامېرىكىنىڭ ھەرىكىتى جۇڭگوغا زىيان يەتكۈزمەكتە، پۈتكۈل دۇنياغا زىيان يەتكۈزمەكتە، شۇنداقلا ئۆزىگىمۇ زىيان يەتكۈزمەكتە. بۇ خىل ئاقىلانىسىز ھەرىكەت كىشى قەلبىگە ياقمايدۇ.

باياناتچى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتىدىن چۆچۈدى. دۆلەتنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئاۋۋالقىدەكلا زۆرۈر قارشى تۇرۇش تەدبىرى قوللىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىز خەلقئارا جەمئىيەتنى بىرلىكتە تىرىشىپ، ئەركىن سودا قائىدىسى ۋە كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى بىرلىكتە قوغداپ، سودا زومىگەرلىكىگە بىرلىكتە قارشى تۇرۇشىنى مۇراجىئەت قىلىمىز. بىز يەنە ئامېرىكىنىڭ بىر تەرەپلىمىلىك ھەرىكىتى توغرىسىدا دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرز سۇنىمىز.

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ تۈنۈگۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكىنىڭ ھەرىكىتى تىپىك سودا زومىگەرلىكى، جۇڭگو زۆرۈر قارشى تۇرۇش تەدبىرى قوللىنىپ، ئۆزىنىڭ ھەققانىي ھوقۇق مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدايدۇ.ئۇ مۇنداق دېدى: مەن شۇنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەيمەنكى، بۇ بىر تەرەپلىمىلىك بىلەن كۆپ تەرەپلىك، سودا قورۇقچىلىقى بىلەن ئەركىن سودا، زومىگەرلىك بىلەن قائىدە ئوتتۇرىسىدىكى جەڭ. خەلقئارا جەمئىيەت بىرلىكتە تىرىشىپ، بىر تەرەپلىمىلىكنى قەتئىي توسۇپ، سودا قورۇقچىلىقىغا قارشى تۇرۇپ، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسى ۋە ئەركىن سودا قائىدىسىنى قوغدىشى كېرەك. بۇ مەسئۇلىيەتچان دۆلەتتە بولۇشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەت.