2018-يىللىق جۇڭگو شەھەرلىرى ۋە ئامېرىكا چىكاكو شەھىرى مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىق مۇنبىرى ئۆتكۈزۈلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:كۈنتېكىن ئىمام|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-07-12 15:16

2018-يىللىق جۇڭگو شەھەرلىرى ۋە ئامېرىكا چىكاكو شەھىرى مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىق مۇنبىرى تۈنۈگۈن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگونىڭ سەككىز شەھىرى بىلەن ئامېرىكىنىڭ چىكاكو شەھىرى «2018-يىلىدىن 2023-يىلىغىچە بولغان بەش يىللىق نۇقتىلىق كەسىپلەر ھەمكارلىقى پىلانى» ئىمزالىدى، بۇ داۋالاش، ساغلاملىق، ئىلغار ياسىمىچىلىق قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

ھەمكارلىق پىلانى بويىچە، بېيجىڭ، شاڭخەي، تيەنجىن، چىڭداۋ قاتارلىق سەككىز شەھەر ئامېرىكىنىڭ چىكاكو شەھىرى بىلەن داۋالاش، ساغلاملىق، ئىلغار ياسىمىچىلىق، يېڭىچە تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردە كەسىپ ئاساس قىلىنغان قوش تەرەپلىك مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش سۇپىسى بەرپا قىلىدۇ.

جۇڭگو سودا مىنىستىرىنىڭ ياردەمچىسى لى چىڭگاڭ مۇنداق دېدى: سودا مىنىستىرلىقى ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى ئىشتاتلىرى ۋە شەھەرلىرى بىلەن بولغان ئىقتىساد سودا، دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ، چىكاكو شەھىرى جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئامېرىكىغا مەبلەغ سېلىشىدىكى ئىستىھكامىغا ئايلاندى، ھازىرقى ۋەزىيەتتە، ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ زىيارەتتە بولۇشى ئامېرىكا يەرلىك ھۆكۈمەتلىرى ۋە كەسىپ ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنىڭ كەلگۈسىگە زور ئىشەنچ باغلىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا كەڭ كۆلەملىك تاموژنا بېجى ئېلىش سۈركىلىشى يۈز بەردى، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ سودا تەقسىماتى قېلىپىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ، ئىككى دۆلەت كارخانىلىرى زور زىيانغا ئۇچرايدۇ، سودا جېڭىدە غالىبىيەتچى بولمايدۇ، ھەمكارلىق ئىككى دۆلەتنىڭ بىردىن-بىر توغرا تاللىشى.

چىكاكو شەھىرىنىڭ باشلىقى رام ئىمانيۇل مۇنداق دېدى: كەلگۈسى بەش يىلدا بىز تېخىمۇ زور نەتىجە يارىتىمىز، دۇنيادىكى بىر قىسىم ئەھۋاللارنى ئويلاشقاندا، بىزنىڭ ھەمكارلىقىمىز ئىنتايىن مۇھىم، بىز قارشىلىشىشقا قارشى تۇرۇمىز، بىز ھەمكارلىشىپ تۇرۇپ رىقابەتلىشىمىز.