مۇتەخەسسىسلەر ئامېرىكا خاتا يولدا بارغانسېرى يىراقلاپ كېتىۋاتىدۇ دېدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-07-12 17:57

مۇتەخەسسىسلەر ئامېرىكىنىڭ ئېلىمىز ئامېرىكىغا كىرگۈزىدىغان 200 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق مەھسۇلاتىدىن تاموژنا بېجىنى كۆپەيتىپ ئېلىش تىزىملىكىنى ئېلان قىلغانلىقى ھەققىدە مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ بۇ خىل ئاقىلانىسىز قىلمىشى كىشى كۆڭلىگە ياقمايدۇ، ئامېرىكىنىڭ سودا زومىگەرلىكى ئالدىدا، جۇڭگونىڭ دۆلەت ۋە خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ئىشەنچىسى ھەم ئىقتىدارى بار.

تاشقى ئىقتىساد-سودا داشۆسى جۇڭگو دۇنيا سودا تەشكىلاتى تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى تۇ شىنچۈەن مۇنداق دېدى: ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بىر مۆلچەرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ بۇ خىل تاموژنا بېجىنى ئېلىشى ھەم باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكىغا جازاغا قارشى تەدبىر قوللىنىشى سەۋەبىدىن يەر شارىنىڭ سودا تەننەرخى %10 ئۆرلەپ كېتىپ، يەر شارى سودىسىنى %6 ئازايتىۋېتىشى مۇمكىن ئىكەن، ئامېرىكىنىڭ بۇ قىلمىشى-يەر شارىنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ.

خەلقئارا مەسىلە مۇتەخەسسىسى خۇڭ لىن مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ بۇنداق قىلمىشى پۈتۈنلەي كەينىگە چېكىنگەنلىك، ئۇ-ئاقىلانىسىز قىلمىش، دۇنيانىڭ كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىگە بولغان خىرىس. مەسىلەن: پولات-ئاليۇمىن مەسىلىسىدە، شىۋېيتسارىيە يېقىنقى بىر نەچچە كۈندە ئامېرىكا ئۈستىدىن شىكايەت قىلغان 8-دۆلەتكە ئايلاندى، بىز بۇنداق مېخانىزمدىن ياخشى پايدىلىنىپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرز سۇنۇپ، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسى، ئەركىن سودا قائىدىسىنى داۋاملىق قوغدىشىمىز كېرەك.

جۇڭگو ماكرولۇق ئىقتىساد تەتقىقات يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بى جىياۋ مۇنداق دېدى: بىز بىر تەرەپتىن بۇنىڭغا پائال ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ تەرەققىيات مەنپەئەتى ھەم ئېلىمىزنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدىكى قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدىشىمىز كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىز يەنە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزىمىزنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئارقىلىق دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز لازىم.