شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي خىراجەت نىشانىنى تىرىشىپ ئورۇنلىشىنى تەكىتلىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مەھلىيا ئىبراھىم|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-07-12 18:03

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى سىتولتېنبېرگ 11-ئىيۇل ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ھەربى خىراجەت ھەر قايسى دۆلەت ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %2 نى ئىگىلەش نىشانى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئ‍ەزا دۆلەتلەر كېلىشىم ھاسىل قىلغان ۋەدە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بۇ نىشانغا ئەھمىيەت بېرىدۇ ھەمدە مۇشۇ نىشانغا قاراپ تىرىشىدۇ.

سىتولتېنبېرگ مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: 2014-يىلى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ئۈچلا ئەزا دۆلەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە چىقىمى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %2 ىنى ئىگىلەيتتى، سەككىز دۆلەت بۇ يىل بۇ ئۆلچەمگە يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، كۆپ قىسىم ئەزا دۆلەتلەر 2024-يىلىدىن بۇرۇن قانداق قىلىپ %2 لىك نىشانغا يەتكۈزۈش پىلانىنى تاپشۇردى.

شۇ كۈنى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى رەھبەرلىرى يىغىنى مەزگىلىدە ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا مۇنداق دېدى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر 2025-يىلى ئەمەس بەلكى ھازىردىن باشلاپلا دۆلەت مۇداپىئە چىقىمىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتىنى %2گە كۆتۈرۈشى كېرەك. ئامېرىكا ياۋروپانى قوغداش ئۈچۈن بەدەل تۆلىدى، ئارقىدىنلا سودا جەھەتتە نەچچە مىليارد ئامېرىكا دوللىرى زىيان تارتتى.