بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋەكىلى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى ۋەزىيەتنىڭ پەسەيگەنلىكىدىن خۇشال بولدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مەھلىيا ئىبراھىم|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-07-12 18:04

ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى ساجدىك 11-ئىيۇل بېلارۇسىيەنىڭ پايتەختى مىنىسكىدا مۇنداق دېدى: ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە يېڭى ئۇرۇش توختىتىش پىلانى يۈرگۈزۈلگەندىن بۇيان يەرلىكتىكى ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلىدىغان ئەھۋاللار زور نىسبەتتە ئازلىدى، مەن بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇشال.

شۇ كۈنى، ئۇكرائىنا مەسىلىسى ئۈچ تەرەپ ئالاقە گۇرۇپپىسى يەنى ئۇكرائىنا، ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى، رۇسىيە مىنىسكىدا سۆھبەتلەشتى. سادجىك سۆھبەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئېچىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: گەرچە بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان يەرلىكتىكى خەلق ئ‍ىچىدىن توقۇنۇش سەۋەبىدىن قازا قىلىدىغانلارنىڭ سانى يېرىمدىن كۆپرەك ئازلىغان بولسىمۇ بىراق بۇ توقۇنۇش رايونىدىكى خەلقنىڭ ئازابىنىڭ مۇناسىپ ئازلىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ھەر قايسى تەرەپ ئۇرۇش توختىتىش تۈزۈمىگە مېخانىزمىغا رىئايە قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئېغىر تىپتىكى قوراللارنى چېكىندۈرۈش، قوراللىق كۈچلەرنى تارقىتىۋېتىش ھەمدە مىنا تازىلاش قاتارلىق كونكرېت بىر يۈرۈش ھەرىكەتلەرنى قوللىنىشى كېرەك.