گوۋۇيۈەن تاموژنا بېجى قائىدىسى كومىتېتى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئامېرىكىنىڭ ئىمپورت تاۋارلىرىدىن تاموژنا بېجىنى كۆپەيتىپ ئېلىشنى قارار قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-08-09 14:07

گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق گوۋۇيۈەن تاموژنا بېجى قائىدىسى كومىتېتى «گوۋۇيۈەن تاموژنا بېجى قائىدىسى كومىتېتىنىڭ ئامېرىكىدا ئىشلەپچىقىرىلغان 50 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق ئىمپورت تاۋارلىرىدىن تاموژنا بېجىنى كۆپەيتىش ئېلىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشى»دىكى ئامېرىكىنىڭ تاۋارلىرىدىن تاموژنا بېجىنى كۆپەيتىپ ئېلىش تىزىملىكىنىڭ ئىككىنچىسىدىكى تاۋارلارنى مۇۋاپىق تەڭشىگەندىن كېيىن، 2018-يىلى 23-ئاۋغۇست سائەت 12دىن بىر مىنۇت ئۆتكەندىن باشلاپ 25 پىرسەنتلىك تاموژنا بېجىنى كۆپەيتىپ ئېلىشنى قارار قىلدى.

ئالاقىدار تارماقلار، كەسپىي جەمئىيەتلەر، كارخانىلارنىڭ پىكىرىگە ئاساسەن، دۆلەت ئىچىدىكى ئىستېمالچىلار ۋە كارخانىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ئەڭ زور چەكتە قوغداش ئۈچۈن، تاموژنا بېجىنى كۆپەيتىپ ئېلىش تىزىملىكى مۇۋاپىق تەڭشەلدى، كونكرېت تاۋارلار دائىرىسىدە «گوۋۇيۈەن تاموژنا بېجى قائىدىسى كومىتېتىنىڭ ئامېرىكىدا ئىشلەپچىقىرىلغان تەخمىنەن 16 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق ئىمپورت تاۋارلىرىدىن تاموژنا بېجىنى كۆپەيتىپ ئېلىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشى» ئاساس قىلىنىدۇ. باشقا تۈرلەر يەنىلا تاموژنا بېجى قائىدىسى كومىتېتىنىڭ 2018-يىللىق بەشىنچى نومۇرلۇق ئۇقتۇرۇشى بويىچە بولىدۇ.