جۇڭگو ھىندونېزىيەنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلىرىغا جىددىي ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بەردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-08-09 14:08

جۇڭگونىڭ ھىندونېزىيەدىكى باش ئەلچىخانىسى تۈنۈگۈن جاكارتادا ھىندونېزىيە قىزىل كىرىس جەمئىيىتىگە جۇڭگونىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرى ۋە نەق پۇلىنى تاپشۇرۇپ بېرىپ، ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىنىڭ لومبوك ئارىلىدىكى يەر تەۋرىگەن ئاپەت رايونىنىڭ قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە ماسلىشىپ، ئاپەت يۈز بەرگەن رايوندىكى ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقتىن ئۆتۈشىگە ياردەملەشتى.

جۇڭگونىڭ ھىندونېزىيەدىكى باش ئەلچىسى شياۋ چيەن شۇ كۈندىكى ئىئانە بېرىش مۇراسىمىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ چوڭقۇر دوستلۇق ھېسسىياتىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، جۇڭگو ئەلچىخانىسى جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ھىندونېزىيە قىزىل كىرىس جەمئىيىتى ئارقىلىق ئاپەت يۈز بەرگەن رايوندىكى خەلقنى ئىككى مىڭ چېدىر، ئىككى مىڭ سېلىنچا، بەش مىڭ يۇڭ ئەدىيال قاتارلىق ئاپەت يۈز بەرگەن رايون جىددىي ئېھتىياجلىق ماددىي ئەشيالار بىلەن تەمىنلىدى. ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھىندونېزىيە قىزىل كىرىس جەمئىيىتىگە جۇڭگو قىزىل كىرىس جەمئىيىتىنىڭ يۈز مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق جىددىي ئىنسانپەرۋەرلىك نەق پۇل ياردىمىنى تاپشۇرۇپ بەردى.

ھىندونېزىيە غەربىي نۇساتېڭگارا ئۆلكىسىنىڭ لومبوك ئارىلىدا 5-ئاۋغۇست يەتتە بال يەر تەۋرىدى، ھىندونېزىيە ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش مەھكىمىسى تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: يەر تەۋرەشتە 131 ئادەم قازا قىلدى، ئۇندىن باشقا 1477 ئادەم ئېغىر دەرىجىدە يارىلاندى. قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ داۋاملىق ئېلىپ بېرىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۆلۈم-يېتىم ۋە مال-مۈلۈك زىيىنى مۆلچەرى يەنىمۇ ئېشىشى مۇمكىن.