مالايشىيانىڭ سابىق زۇڭلىسى پۇل يۇيۇشقا چېتىشلىق ئۈچ خىل جىنايەت بىلەن يەنە بىر قېتىم ئەيىبلەندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-08-09 17:14

سوتتىن بۇرۇنقى ئىسپات ئاڭلاشتا تەپتىش دائىرىلىرى مۇنداق دېدى: نەجىپ 2014-يىلى ۋە 2015-يىلى ئۈچ قېتىم ئۆزىنىڭ بانكا ھېساباتىدىن پايدىلىنىپ جەمئىي 42مىليون رېنگىت مەبلەغ قوبۇل قىلغان. تەپتىش دائىرىلىرى بۇ پۇللار قانۇنسىز پائالىيەتتىن كەلگەن، نەجىب مالايشىيانىڭ پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش، تېررورىزمغا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشكە قارشى تۇرۇش ۋە قانۇنسىز پائالىيەت پايدىسى ئېلىش قانۇنىغا ئاساسەن ئەيىبلەندى، دەپ قارىدى. ئەگەر كۆپ تۈرلۈك ئەيىبلەشنىڭ ھەر قانداق بىر تۈرىنىڭ جىنايىتى بېكىتىلسە، نەجىپكە ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 15 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىدۇ ھەمدە ئەڭ يۇقىرى بولغاندا قانۇنسىز تاپاۋىتىنىڭ بەش ھەسسىسى بويىچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.