گوتېرىس چىلىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى باچىلىتنى ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى يۇقىرى دەرىجىلىك مەخسۇس خادىملىقىغا كۆرسەتتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:شېرىنگۈل توختى|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-08-09 17:18

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گوتېرىس 8-ئاۋغۇست بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كېڭىشىگە، چىلىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى مىچىل باچىلىتنى 8-ئاينىڭ ئاخىرى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىدىغان زاھىد ھۈسەيىننىڭ ئورنىغا كېلەر نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى يۇقىرى دەرىجىلىك مەخسۇس خادىملىقىغا كۆرسەتتى.

باچىلىت 1951-يىلى چىلىنىڭ سانتىياگودا تۇغۇلغان. 2006-يىلىدىن 2010-يىلغىچە ۋە 2014-يىلىدىن 2018-يىلغىچە ئىككى نۆۋەت چىلىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان. شۇنداقلا چىلىنىڭ تارىخىدىكى تۇنجى ئايال زۇڭتۇڭ. ئۇ بۇ يىل 3-ئايدا ۋەزىپىسىدىن بوشانغان. باچىلىت 2010-يىلدىن 2013-يىلغىچە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاياللار مەھكىمىسىنىڭ تۇنجى ئىجرائىيە مۇدىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى يۇقىرى دەرىجىلىك مەخسۇس خادىمى __ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ئەڭ مۇھىم كىشىلىك ھوقۇق ئەمەلدارى بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى خىزمىتىگە تولۇق مەسئۇل بولىدۇ. باچىلىتنىڭ تەيىنلىنىشى يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كېڭىشىنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتۈشى كېرەك.