تەتقىقاتتا ئېيتىلىشىچە: كىلىمات ئۆزگىرىشى __ ئىسسىقتا ئۆلۈپ كېتىدىغان كىشىلەرنىڭ سانىنى داۋاملىق كۆپەيتىدىكەن
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:شېرىنگۈل توختى|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-08-09 17:21

بۇ يىلقى يازدىكى تومۇز ئىسسىق نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى كىشىلەرنى بەك بىئارام قىلدى. ئەنگلىيەنىڭ بىر تۈرلۈك ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدا ئېيتىلىشىچە: كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشنى كۈچەيتمىسە، كەلگۈسىدە تىروپىك بەلباغ، سۇبتروپىك بەلباغ رايونى ھەمدە ئامېرىكا، ياۋروپا قاتارلىق جايلاردا ئىسسىقتىن ئۆلۈپ كېتىدىغان كىشىلەرنىڭ سانى داۋاملىق كۆپىيىدىكەن.

تەتقىقات كوللېكتىپى ئامېرىكىدا چىقىدىغان <ئىلىم-پەن ئاممىۋىي كۇتۇپخانىسى مېدىتسىنا> ژۇرنىلىدا ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: كىلىمات ئۆزگىرىشى چەككە يەتكەن ئەھۋال ئاستىدا، 1971-يىلدىن 2020-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئەھۋالغا سېلىشتۇرغاندا، 2031-يىلدىن 2080-يىلغىچە ئارىلىقتا فىلىپپىندىكى ئىسسىقتىن ئۆلۈپ كېتىدىغان كىشىلەرنىڭ سانى ھازىرقى سەۋىيەدىن تەخمىنەن 12 ھەسسە كۆپ بولىدىكەن. ئاۋسترالىيە ۋە ئامېرىكىدىكى بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈپ كېتىدىغان كىشىلەرنىڭ سانى بەش ھەسسە كۆپىيىدىكەن، ئەنگلىيەدە بولسا تۆت ھەسسە كۆپىيىدىكەن.

ئەمما تەتقىقاتتا يەنە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئەگەر ھەر قايسى دۆلەتلەر كىلىمات ئۆزگىرىشىگە مۇناسىۋەتلىك <پارىژ كېلىشىمى> گە ئەمەل قىلسا ھەمدە پارنىك گازى قويۇپ بېرىشنى ئازايتىسا، بۇ ھېسابلاش مودېلىدا مۆلچەرلەنگەن ئۆلۈپ كېتىدىغان كىشىلەرنىڭ سانى تېخىمۇ ئازىيىشى مۇمكىن.