گېرمانىيە ھۆكۈمىتى يەھۇدىيلارنىڭ رېستورانىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى بىلەن ئوڭ قاناتلارنىڭ چەتكە قېقىش نامايىشىنى ئەيىبلىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-09-11 18:08

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى 9-ئاينىڭ 10 - كۈنى، يېقىندا يەھۇدىيلارنىڭ رېستورانىغا قارىتىلغان ھۇجۇم بىلەن ئوڭ قانات ئۇنسۇرلار قاتناشقان نامايىشنى كۈچلۈك ئەيىبلەپ، يەھۇدىي قىساسچىلىرىغا قارشى سۆز ھەرىكەتلەر دۆلەتنىڭ تۆۋەن چېكىگە تەگدى دېدى. ئۇ، مۇخبىرلار يىغىنىدا گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ۋەقەگە بولغان نەپرىتىنى ئىپادىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى : نۆۋەتتە گېرمانىيە كۈندىن - كۈنگە ئېغىرلىشىۋاتقان ئوڭ قانات ئەسەبىيلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، تېخىمۇ ئېغىر يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرۇش ۋە قىسمەن مۇساپىرلار زوراۋانلىق جىنايىتى ئۆتكۈزۈشتىن ئىبارەت ئۈچ مۇھىم خىرىسقا دۇچ كەلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قانۇن ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ھەل قىلىش كېرەك، ھېچقانداق مۇرەسسەلىشىشكە بولمايدۇ.