پۇتىن: رۇسىيە ياپونىيە مۇناسىۋىتى تەدرىجىي تەرەققىي قىلماقتا
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-09-11 18:08

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 9-ئاينىڭ 10-كۈنى رۇسىيەنىڭ يىراق شەرق شەھىرى ۋلادىۋوستوكتا زىيارەتكە كەلگەن ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابىشىنزو بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلماقتا. پۇتىن مۇنداق دېدى: مەدەنىيەت ساھەسىدە رۇسىيە بىلەن ياپونىيە ئۆز ئارا رۇسىيە يىلى ۋە ياپونىيە يىلىنى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى، بۇ تارىختا بولۇپ باقمىغان؛ رۇسىيە بىلەن ياپونىيەنىڭ ھەربىي ئىشلار ساھەسىدىكى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى تەرەققىي قىلماقتا. پۇتىن ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقى ئۈستىدە توختالغاندا مۇنداق دېدى: بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئالتە ئېيىدا، رۇسىيە بىلەن ياپونىيەنىڭ سودا سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 20 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە رۇسىيە ياپونىيەگە ئېكسپورت قىلغان ماشىنا ياسىمىچىلىق مەھسۇلاتىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 90 ئاشتى، رۇسىيە ياپونىيەگە ئېكسپورت قىلغان توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى % 41 ئاشتى.