ئامېرىكا، پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق ئىش باشقارمىسىنى تاقاشنى قارار قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-09-11 18:08

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى 9-ئاينىڭ10 - كۈنى مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتى پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق ئىش باشقارمىسىنى تاقاشنى قارار قىلدى. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى نورت شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق ئىش باشقارمىسىنىڭ بۇلتۇر 11 - ئايدا ئامېرىكىدا پائالىيەت قىلىشنى كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى. گەرچە ئامېرىكا مەزكۇر ئىش باشقارمىنى شۇنىڭدىن كېيىن پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا پايدىلىق بولغان ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشقا يول قويغان بولسىمۇ، لېكىن پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى تەدبىر قوللىنىپ، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ بىۋاسىتە ھەم ئەھمىيەتلىك سۆھبىتىنى باشلاشقا تۈرتكە بولمىدى. ئەكسىچە، پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىك قاتلىمى ئامېرىكىنى پەلەستىن - ئىسرائىلىيە تىنچلىق پىلانىنى تېخى ئوتتۇرىغا قويمىدى دەپ ئەيىبلەپ كەلدى، ھەمدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن ئالاقىدار ئىشلار ئۈستىدە ئۇچرىشىشنى رەت قىلدى.