ئاق ساراي: ئامېرىكا بىلەن چاۋشيەن رەھبەرلىرىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئۇچرىشىش توغرىسىدا كېڭەشمەكتە
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-09-11 18:08

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

ئامېرىكا ئاق ساراي باياناتچىسى ساندىس9-ئاينىڭ 10 - كۈنى، ئامېرىكا ھازىر ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ بىلەن چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ يەنە بىر قېتىم ئۇچرىشىش ئۈستىدە ماسلاشتۇرۇش ئېلىپ بارماقتا دېدى. ساندىس شۇ كۈنى مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى : زۇڭتۇڭ تىرامپ چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئېننىڭ ئەڭ يېڭى خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالدى. خەتنىڭ مەزمۇنى ئىنتايىن ئىجابىي ۋە ياخشى. خەتتە ئىككى رەھبەرنىڭ 2 - قېتىملىق ئۇچرىشىشنى ئورۇنلاشتۇرۇشى ئوتتۇرىغا قويۇلغان، ئاق ساراي بۇنىڭغا ئوچۇق پوزىتسىيەدە بولۇپ، ئىنتايىن ئاكتىپ ھالدا ماسلاشتۇرۇش ئىلىپ بارماقتا. تىرامپ 9-ئاينىڭ 7-كۈنى، كىم جۇڭئىننىڭ شەخسىي خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالىدىغانلىقىنى، چاۋشيەن تەرەپنىڭ 9-ئاينىڭ 6-كۈنى چاۋشيەن كورېيە چېگراسىدا بۇ خەتنى تاپشۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.