ئۇكرائىنا ئۇل ئەسلىھەگە مەبلەغ سېلىشنى زورايتىدۇ ۋە بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-09-11 18:08

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

ئۇكرائىنانىڭ ئۇل ئەسلىھە مىنىستىرى ۋىلادىمىر ئومىرىئەن 9-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئۇكرائىنانىڭ بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىدىكى ئورنىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئۇكرائىنانىڭ ئۇل ئەسلىھەگە مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى زورايتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇكرائىنا ئەڭ بۇرۇن جۇڭگونىڭ بىر بەلباغ، بىر يول تەشەببۇسىغا ئاۋاز قوشقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. ئۇ شۇ كۈنى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئۇكرائىنادا تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر باشقارمىسىنىڭ مەسئۇلى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئۇكرائىنانىڭ نىشانى ياۋروپا ئاسىيا يۈك تىرانسپورت تۈگۈنىگە ئايلىنىشتىن ئىبارەت، شۇنىڭ ئۈچۈن، بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۇكرائىنا 2030 - يىلىدىن بۇرۇن قاتناش تىرانسپورتىغا 60 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىشنى، قىسمەن مەبلەغنى تاشيول، تۆمۈر يول ۋە پورت ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىشنى پىلانلىماقتا.