بوسنىيە-گېرتسېگوۋېنا «بىر بەلباغ، بىر يول»نىڭ بەش يىللىقى مۇھاكىمە يىغىنى ئاچتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-09-14 19:03

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 14-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

بوسنىيە-گېرتسېگوۋېنا 9-ئاينىڭ 12-كۈنى «بىر بەلباغ، بىر يول»نىڭ بەش يىللىقى مۇھاكىمە يىغىنى ئاچتى. بوسنىيە-گېرتسېگوۋېنا ھەيئەت رىياسىتىنىڭ سېرىپ مىللىتىدىن بولغان ئەزاسى ئىۋانىچ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى قۇۋۋەتلەپ: «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىقتىسادى ساھەدە مۇھىم تەسىر پەيدا قىلىپلا قالماستىن، ئوخشىمىغان جەمئىيەتلەر ئارىسىدىكى ئالاقىنى ئىلگىرى سۈردى، ئۇ كەلگۈسى بىر قانچە ئەسىرگە تەسىر كۆرسىتىدۇ دەپ قارىدى.

بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىغا بوسنىيە-گېرتسېگوۋېنانىڭ سىياسىي ساھەسى، ئىلىم ساھەسى ھەمدە كەسىپ ساھەسىدىن بولۇپ 40دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. مۇھاكىمە يىغىنىدا، بايالۇكا داشۆسى سىياسىي فاكۇلتېتىنىڭ پىروفېسسورى مىلوس سالت مۇنداق دېدى: «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى يەرشارىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئۇ جۇڭگوغا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن دۇنياغىمۇ پايدا يەتكۈزىدۇ.