خۇ چۈنخۇا دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-09-14 19:03

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 14-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خۇ چۈنخۇا 9-ئاينىڭ 12-كۈنى خانويدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا تەكلىپكە بىنائەن قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

خۇ چۈنخۇا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە دۇنيا ئىقتىسادى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى بولماقتا، بىراق ئېنىقسىزلىق ۋە مۇقىمسىزلىق ئامىللىرى كۆپەيمەكتە، ئىقتىسادنى يەرشارىلاشتۇرۇش ۋە كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسى ئېغىر خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە. جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ۋە دۇنيادىكى ھەر قايدى دۆلەتلەر بىلەن بىرگە يېڭى سانائەت ئىنقىلابى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئېچىۋېتىپ تەڭ پايدا كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشچان، ئوچۇق، ھەمتۈرتكە بولىدىغان، سىغدۇرۇشچان دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

«شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى 4.0: كارخانىچىلار روھى ۋە تۆتىنچى قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابى»-بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ باش تېمىسى قىلىندى. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ھەمدە ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ ھەر ساھە ۋەكىللىرىدىن بولۇپ مىڭدىن ئارتۇق كىشى يىغىنغا قاتناشتى.