8-ئايدا خەلق پۇلى قەرزى بىر تىرىللىيون 280 مىليارد يۈەن ئاشتى
مەنبەسى:     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-09-14 19:03

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 14-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو خەلق بانكىسى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى ئېلان قىلغان پۇل مۇئامىلە ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، 8-ئايدا خەلق پۇلى قەرزى بىر تىرىللىيون 280 مىليارد يۈەن كۆپىيىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 183 مىليارد 400 مىليون يۈەن ئاشقان.

مەركىزى بانكىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، 8-ئايدا خەلق پۇلى قەرزى بىر تىرىللىيون 280 مىليارد يۈەن ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە شەخسىي تۇرالغۇ رەنىلىك قەرزى ئاساس قىلىنغان تۇرالغۇ تارماقلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئۇزاق مەزگىللىك قەرزى 441 مىليارد 500 مىليون يۈەن ئاشقان، ئەمەلىي ئىقتىساد قەرزى ئاساس قىلىنغان غەيرىي پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرى ۋە ئورگانلىرىنىڭ كوللېكتىپ قەرزى 612 مىليارد 700 مىليون يۈەن ئاشقان.

ئۇنىڭدىن باشقا، 8-ئايدا خەلق پۇلى ئامانىتى بىر تىرىللىيون 90 مىليارد يۈەن كۆپىيىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 272 مىليارد 900 مىليون يۈەن ئاز ئاشقان.