جوركېر: ئەنگلىيەنىڭ «ياۋروپا ئىتتىپاقى»دىن ئايرىلىشىدىكى ھالقىلىق قارالمىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى يول قويمايدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-09-14 19:06

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 14-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى جونكېر 9-ئاينىڭ 12-كۈنى فىرانسىيەنىڭ سىتىراسبۇرگتىكى ياۋروپا پارلامېنتىدا «ئىتتىپاقنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات» ئېلان قىلغاندا مۇنداق دېدى: «ياۋروپا ئىتتىپاقى»دىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى ئەنگلىيە بىلەن زىچ ئالاقىنى ساقلايمىز، بىراق ياۋروپا ئىتتىپاقى ھالقىلىق قارالمىدا يول قويمايدۇ.

جونكېر مۇنداق دېدى: گەرچە بۇ ناھايىتى ئەپۇسلىنارلىق ئىش بولسىمۇ، بىراق ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەنگلىيەنىڭ «ياۋروپا ئىتتىپاقى»دىن ئايرىلىش قارارىغا ھۆرمەت قىلىدۇ. ئەنگلىيە «ياۋروپا ئىتتىپاقى»دىن ئايرىلغاندىن كېيىن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرگە ئوخشاش ئەزالىق تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولالمايدۇ. ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىققان ھامان ياۋروپانىڭ يەككە بازىرىنىڭ بىر قىسمى بولالمايدۇ، ئەنگلىيەمۇ مەلۇم ساھەلەردە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يەككە بازىرىدا خالىغانچە تۇرالمايدۇ.