جۇڭگو ۋەكىلى: ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىنى قوغداش كۆپ تەرەپلىمىلىكتە چىڭ تۇرۇشتىكى تېگىشلىك مەجبۇرىيەت
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-09-14 19:22

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 14-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگونىڭ ۋېينادىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە باشقا خەلقئارا تەشكىلاتلاردا دائىمىي تۇرۇشلۇق يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ۋەكىلى ۋاڭ چۈن ئۈلۈشكۈن خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى كېڭىشى يىغىنىدا ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمىنى قوللىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

ۋاڭ چۈن مۇنداق دېدى: ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى تەستىقلىغان كۆپ تەرەپلىك كېلىشىم بولۇپ، ئەمەلىيەت ئۇنىڭ ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. كېلىشىمنى ئىجرا قىلىش ۋە يولغا قويۇش، خەلقئارانىڭ يادرو قوراللارنى كېڭەيتمەسلىك سىستېمىسى ھەمدە ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا پايدىلىق، شۇنداقلا كۆپ تەرەپلىمىلىك ۋە خەلقئارا قائىدىلەردە چىڭ تۇرۇشتىكى تېگىشلىك مەجبۇرىيەت، بۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن. جۇڭگو ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ ئومۇمىيلىق ۋە يىراقنى كۆرەرلىكنى چىقىش قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ساداسىغا پائال قۇلاق سېلىپ، يۇقىرى بېسىم، بىر تەرەپلىمە جازا قاتارلىق غەيرىي ئىجابىي قىلمىشلاردىن ۋاز كېچىپ، ۋەزىيەتنىڭ يەنىمۇ كەسكىنلىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.