77 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ئەمەلدارى: جۇڭگو تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارادا سادا چىقىرىشىغا ياردەم بەرمەكتە
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-09-14 19:22

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 14-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

77 دۆلەت گۇرۇھى ۋېينا تارمىقىنىڭ رەئىسى خاتىۋا يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو 77 دۆلەت گۇرۇھىنى قوللايدۇ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ يەرشارى ئىشلىرىدا ئۆز ساداسىنى چىقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم.

خاتىۋا مۇنداق دېدى: 77 دۆلەت گۇرۇھى قۇرۇلغاندىن بۇيان، يەرشارىنىڭ سىياسىي تېررىتورىيەسىدە غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى، جۇڭگو ھازىر خەلقئارا ئىشلاردا مۇھىم رول ئوينىماقتا. 77 دۆلەت گۇرۇھىغا نىسبەتەن جۇڭگودىن ئىبارەت بۇ يېقىن ئىتتىپاقدىشى ناھايىتى مۇھىم.

خاتىۋا مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ 77 دۆلەت گۇرۇھىغا بەرگەن ياردىمى ناھايىتى زور. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ رامكىسى ئاستىدا جۇڭگو ئافرىقا، ئاسىيا ۋە لاتىن ئامېرىكىسىنى قوللاشتا مۇھىم رول ئوينىماقتا. جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى قوللىشى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ سۆز قىلىش ھوقۇقىنى ئۆستۈرىدۇ.