رۇسىيە بىلەن موڭغۇلىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مانېۋىرى ئۆتكۈزدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-10-11 17:12

رۇسىيە شەرق ھەربىي رايونى ئاخبارات باشقارمىسى 10-ئاينىڭ 11-كۈنى ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشقا قارىغاندا، رۇسىيە بىلەن موڭغۇلىيە قوراللىق قىسمى شۇ كۈندىن باشلاپ رۇسىيەنىڭ بۇريات جۇمھۇرىيىتى چېگراسى ئىچىدە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مانېۋىرىنى باشلىغان.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: مانېۋىر تۈرى ئىككى دۆلەت بىرلەشمە قىسمى تېررورچىلارنى ئاختۇرۇش، تېررورچىلارنىڭ بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىنى توسۇش، ئايروپىلاندىن چۈشۈش ھەمدە ئۇنى يوقىتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ قېتىمقى مانېۋىرغا قاتناشقان ئىككى دۆلەتنىڭ ئەسكىرى تەخمىنەن مىڭ، ئىككى تەرەپ ئىشلەتكەن تۈرلۈك قورال-جابدۇقلار تەخمىنەن 200 ئىكەن.