تىرامپ ئامېرىكا قوشما ئىشتات زاپاس ساقلاش كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇش سىياسىتىنى ئەڭ قاتتىق سۆزلەر بىلەن تەنقىدلىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-10-11 17:13

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ 10-ئاينىڭ 10-كۈنى ئامېرىكا قوشما ئىشتات زاپاس ساقلاش كومىتېتىنىڭ پۇل سىياسىتىنى قىسقانلىقىنى ئەڭ قاتتىق سۆزلەر بىلەن تەنقىدلىدى ھەمدە ئامېرىكا قوشما ئىشتات زاپاس ساقلاش كومىتېتىنى «ئالجىپتۇ» دېدى. تىرامپنىڭ بۇ قىلىقى سىرتتىكىلەرنىڭ زۇڭتۇڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتات زاپاس ساقلاش كومىتېتىنىڭ مۇستەقىللىقلىقىغا ئارىلىشىدىكەن دېگەن ئەندىشىسىنى قوزغىدى.

تىرامپ بۇ سۆزلەرنى قىلغان شۇ كۈنى، ئامېرىكا پاي چېكى بازىرى بىردىنلا چۈشۈپ كەتتى. تىرامپ مۇنداق دېدى: شۇ كۈنى ئامېرىكا پاي چېكى بازىرى بىر قېتىملىق پەرزىدىكى «تۈزىتىش»نى باشتىن كەچۈردى، مەن ئامېرىكا قوشما ئىشتات زاپاس ساقلاش كومىتېتىنىڭ قىلمىشىغا راستلا قوشۇلمايمەن. ئامېرىكا قوشما ئىشتات زاپاس ساقلاش كومىتېتىنىڭ رەئىسى پوۋېل تىرامپنىڭ سۆزلىرىگە ئىنكاس قايتۇرمىدى.

تىرامپ يېقىندا ئامېرىكا قوشما ئىشتات زاپاس ساقلاش كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇش سىياسىتىنى نۇرغۇن قېتىم ئوچۇق ئاشكارا تەنقىدلەپ، ئۇزۇندىن بۇيانقى ئاق ساراينىڭ پۇل سىياسىتىگە باھا بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئەنئەنىسىنى بۇزۇپ تاشلىدى ھەمدە سىرتتىكىلەرنىڭ زۇڭتۇڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتات زاپاس ساقلاش كومىتېتىنىڭ پۇل سىياسىتىنىڭ مۇستەقىللىقلىقىغا ئارىلىشامدۇ-يوق دېگەن مۇنازىرىسىنى قوزغىدى.