پومپىئو: ناۋادا ئىران چېكىنمىسە، سۇرىيە ئامېرىكىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىمەن دەپ خام خىيال قىلمىسۇن
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-10-11 17:17

شۇ يەر ۋاقتى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى پومپىئو: ئىران ئارمىيەسى سۇرىيەدە بىر كۈن تۇرىدىكەن، ئامېرىكا سۇرىيەگە بېرىدىغان ھەر قانداق نورمىدىن ئارتۇق قايتا قۇرۇش ياردىمىنى رەت قىلىدۇ دېدى.

پومپىئو: ئامېرىكىنىڭ ئىراننى يېتىم قالدۇرۇش سىياسىتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك دەپ تەكىتلىدى ھەمدە ئىرانغا تارىختىكى ئەڭ قاتتىق جازانى قوللىنىش كېرەك دېدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىر ئىراننى سۇرىيەدىن قوغلاپ چىقىرىدىغان مەسئۇلىيەت ئاساسلىقى سۇرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ زىممىسىگە يۈكلەندى، سۇرىيە ئىراننىڭ ھەربىي مەۋجۇتلۇقىغا مەسئۇل بولۇشى كېرەك، ناۋادا سۇرىيە ئىران ياردەمچى قىسمىنىڭ پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلالمىسا، ئامېرىكىنىڭ ھەر قانداق قايتا قۇرۇش ياردىمىگە ئېرىشىمەن دەپ خام خىيال قىلمىسۇن.