ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشتا پات ئارىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىشىدىن ئۈمىد بار
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-10-11 17:21

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش ئىشلىرىغا مەسئۇل باش سۆھبەت ۋەكىلى مىچىل بارنىيىر 10-ئاينىڭ 10-كۈنى ئەنگلىيە بىلەن 10-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن بۇرۇن كېلىشىم ھاسىل قىلىشتىن ئۈمىد بار دېدى.

مىچىل بارنىيىر مۇنداق دېدى: بىزنىڭ نىشانىمىز بۇندىن بۇرۇنلا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 27 دۆلەت ۋە ياۋروپا پارلامېنتى تەرىپىدىن بېكىتىلگەن بولۇپ، 10-ئاينىڭ 17-كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىشىمىز كېرەك، بۇنداق بولغاندا، بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن تەرتىپلىك ئايرىلىشنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى ئىمكانقەدەر ئاشۇرۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش ئېلىپ كەلگەن زىيان ۋە ئۇنىڭ سودىغا بولغان تەسىرىنى ئىمكانقەدەر ئازايتالايمىز.