ماكرون كابىنېت تەشكىللەشنى كېچىكتۈردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-10-11 17:23

فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكروننىڭ 10-ئاينىڭ 10-كۈنى كابىنېت تەشكىللەشنى كېچىكتۈرۈشى تاشقى ساھەدە نۇرغۇن يېڭى گۇمان پەيدا قىلدى، بۇ ئۇ قاراشلىق پارتىيەنىڭ سىياسىي تەجرىبىسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى شۇنداقلا بىر قانچە كابىنېت ئەزاسى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ماكروننىڭ ھۆكۈمەت نورمال يۈرۈشىنى ساقلاش ئىقتىدارىنىڭ بار-يوقلىقىدىن گۇمانلىشىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بۇ يىل 40 ياشقا كىرگەن ماكرون زور ئىسلاھاتنى يولغا قويۇش داۋامىدا نۇرغۇن خىرىسقا دۇچ كەلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا ئارىلىق لۇشيەنىنى ئىجرا قىلغان ۋاقىتتا ئوڭ-سول مەزھەپتىكىلەرنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ، خىزمەت تەجرىبىسى نىسبەتەن ئاجىز، تەجرىبىسى كەمچىل بولغان ئۆزىنىڭ پارتىيە گۇرۇھىدىكى ئىختىساسلىقلار ئىچىدىن كۈچلۈك كابىنېت ئەزالىرىنى نامزاتلىققا تاللاشقا مەجبۇر بولدى.

فىرانسىيە زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى كابىنېت تەشكىللەشنى كېچىكتۈرۈشنى جاكارلىغان باياناتتا، زۇڭتۇڭ زۆرۈر ۋاقتىنىڭ يېتەرلىك بولۇشىنى، سوغۇققان كەسىپى ئۇسۇل ئارقىلىق كوللېكتىپنى بېكىتىشنى ئۈمىد قىلدى، دېيىلدى.