ئامېرىكىدا يېمەكلىك، ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى ئۆرلىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:كۈنتېكىن ئىمام|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-10-11 17:36

گېرمانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۆتكەن بىر نەچچە ئايدا، ئامېرىكىدا بەزى يېمەكلىك، ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى بىر قەدەر ئۆرلىگەن. گەرچە ئامېرىكا ئىستېمالچىلىرىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى ۋاقتىنچە چوڭ تەسىرگە ئۇچرىمىغان بولسىمۇ، ئەمما باجنى كۆپەيتىپ ئېلىش دائىرىسى يەنىمۇ كېڭىيىدىغان بولسا، بۇ خىل تەسىر تېخىمۇ روشەنلىشىشى مۇمكىنكەن.

پرېنسىتۇن داشۆسىنىڭ دوكتور ئاشتى تەتقىقاتچىسى بولۇسىياك بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى تاموژنا بېجىنى كۆپەيتىپ ئېلىش ئاساسلىقى سانائەت ساھەسىگە تەسىر قىلدى. ھازىر ئامېرىكا ئىستېمالچىلىرىمۇ تەدرىجىي ھالدا بۇ خىل زەربىنى ھېس قىلماق، دېدى.
سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان تاموژنا بېجى ھەر يىلى ئامېرىكا ئائىلىلىرىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تەخمىنەن 112 ئامېرىكا دوللىرى زىيان ئېلىپ كېلىدىكەن، بولۇپمۇ ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى، خىمىيەلىك بۇيۇملار،سولياۋ ۋە كاۋچۇك مەھسۇلاتلىرى، رەڭلىك مېتال مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالغاندا چوڭ زىيان تارتىدىكەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، ۋورما قاتارلىق ئامېرىكىدىكى چوڭ تىپتىكى پارچە سېتىش تاللا بازارلىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگو مەھسۇلاتلىرىدىن تاموژنا بېجىنى كۆپەيتىپ ئېلىشنى قايتىدىن ئويلىشىشىنى مۇراجىئەت قىلغان.