ئىسلام دۆلىتى قوراللىق تەشكىلاتىنىڭ ئىراقتىكى دەپنە ئازگىلى 200 دىن ئاشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-11-07 19:27

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى11-ئاينىڭ 6-كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ ، ئەسەبىي تەشكىلات « ئىسلام دۆلىتى »نىڭ ئىراقتىكى ئىشغالىيەت رايونىدىكى دەپنە ئازگىلى200 دىن كۆپ، كۆمۈلگەن جەسەت 12 مىڭدىن ئېشىشى مۇمكىن دېدى .

دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى : 2014-يىلى 6-ئايدىن 2017-يىلى 12-ئايغىچە « ئىسلام دۆلىتى » ئىشغال قىلىۋالغان ئىراقنىڭ كەڭ زېمىنىدا كەڭ كۆلەملىك زوراۋانلىق ۋە سىستېمىلىق خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانپەرۋەرلىككە خىلاپ قىلمىشلارنى سادىر قىلىپ، ئۇرۇش جىنايىتى ، ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتى ۋە ئىرقى يوقىتىش جىنايىتى شەكىللەندۈرگەن بولۇشى مۇمكىن. ئۆلگۈچىلەرنىڭ ئىچىدە ئىراق بىخەتەرلىك قىسمىنىڭ خادىملىرى ، پۇقرالارمۇ جۈملىدىن ئاياللار ، بالىلار، ياشانغانلار ۋە مېيىپلار بار.