ئۆزبېكىستان تاشكەنت خەلقئارا كېسىم مەركىزى قۇرىدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-11-07 19:28

سودا مۇھىتىنى ياخشىلاش ، چەت ئەل مەبلىغىنىڭ جەلپكارلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ، ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيۆيېۋ يېقىندا قارارغا ئىمزا قويۇپ، تاشكەنت خەلقئارا كېسىم مەركىزى قۇرۇشنى تەستىقلىدى .

ئۆزبېكىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا: ئۆزبېكىستان تاشكەنت خەلقئارا كېسىم مەركىزى سودا سانائەتچىلەر ئۇيۇشمىسىدا تەسىس قىلىنىپ، پايدا ئالمايدىغان تەشكىلات بولىدىكەن. بۇنىڭدا خەلقئارا كېسىم ئارقىلىق ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەرنىڭ سودا تەشكىلاتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى توختام ماجىرالىرى ياكى باشقا ھەق تەلەپ تالاش - تارتىشنى ھەل قىلىشقا تەشكىللەش ، شۇنىڭدەك چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلار ئۈچۈن مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش مەقسەت قىلىنىدىكەن.