پاكىستان جۇڭگونىڭ ئافغانىستاننىڭ تىنچلىقى ۋە ياراشتۇرۇش مۇساپىسىگە قوشقان تۆھپىسىنى ماختىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-12-06 16:58

پاكىستاننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى كۈرەش 12-ئاينىڭ 5-كۈنى مۇنداق دېدى: پاكىستان جۇڭگونىڭ ئافغانىستاننىڭ تىنچلىقى ۋە ياراشتۇرۇش مۇساپىسىدا ئوينىغان ئىجابي رولىنى ماختايدۇ ھەمدە ئىككىنچى قېتىملىق جۇڭگو-ئافغانىستان-پاكىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى سۆزلىشىشىنىڭ كۆزلىگەن نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، ئافغانىستاننىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىشنى كۈتمەكتە.

جۇڭگونىڭ پاكىستاندىكى باش ئەلچىخانىسى بىلەن پاكىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى شۇ كۈنى بىرلىكتە پاكىستاندىكى ئافغانىستان مۇساپىرلار لاگىرىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا ماددىي ئەشىيا ئىئانە قىلدى. كۈرەش ئىئانە بېرىش مۇراسىمىدىن كېيىن مۇنداق دېدى: پاكىستان جۇڭگو-ئافغانىستان-پاكىستان دىپلوماتىيە مىنىستىلىرى سۆزلىشىش مىخانىزىمىنى قارشى ئالىدۇ، بۇ سۆزلىشىش ۋە ئۈچ دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇزاكىرىگە پائال قاتنىشىدۇ.