نىتانىياخۇ ئاللاھ پارتىيەسىنىڭ چېگرا ھالقىغان لەخمىسىنى ۋەيران قىلىش ھەرىكىتى توغرىسىدا گۇتېررېس بىلەن تېلېفونلاشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-12-06 16:59

ئىسرائىلىيە زۇڭلى ئىشخانىسى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى كەچتە بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: بۈگۈن زۇڭلى نىتانىياخۇ ئاللاھ پارتىيەسىنىڭ چېگرا ھالقىغان لەخمىسىنى ۋەيران قىلىش ھەرىكىتى توغرىسىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس بىلەن تېلېفونلاشتى. نىتانىياخۇ تېلېفوندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىسرائىلىيە ئاللاھ پارتىيەسىنىڭ چېگرا ھالقىپ لەخمە ياسىغانلىقىنى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئوچۇق-ئاشكارە تاجاۋۇز قىلغانلىق ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 1701-نومۇرلۇق قارارىغا «ئېغىر دەرىجىدە خىلاپ قىلمىش» دەپ قارايدۇ.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: نىتانىياخۇ تېلېفوندا گۇتېررېسقا ئاللاھ پارتىيەسىنىڭ چېگرا ھالقىپ ياسىغان لەخمىسى «شىمال قالقىنى»نى ۋەيران قىلىش مەقسىتىدىكى ئەڭ يېڭى ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە نىتانىياخۇ يەنە: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىش قىلمىشىنى ئەيىبلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.