ئامېرىكا سابىق زۇڭتۇڭ چوڭ بوش ئۈچۈن دۆلەت دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-12-06 17:03

ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى گىئورگى خېربېرت ۋالكېر بوشنىڭ دۆلەت دەپنە مۇراسىمى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلدى. شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئامېرىكا پارلامېنت بىناسى ئالدىغا قويۇلغان چوڭ بوشنىڭ تاۋۇتى ۋاشىنگوتون شەھەر رايونىغا جايلاشقان دۆلەتلىك چوڭ چېركوۋغا ئاپىرىلدى. چوڭ بوش ئامېرىكىنىڭ 41-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى بولغاچقا، دۆلەتلىك چوڭ چېركوۋنىڭ قوڭغىرىقى 41 قېتىم چېلىنىپ ئۇنىڭغا ئېھتىرام بىلدۈرۈلدى. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ، ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭلىرىدىن كارتېر، كېلىنتون، ئوباما ھەمدە گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل، ئەنگلىيە شاھزادىسى چارلېس قاتارلىق نەچچە مىڭ كىشى مۇراسىمغا قاتناشتى.