ئىسلام دۆلىتى يېڭى يىلدا تېررورلۇق ھۇجۇمى قىلىمىز دەپ تەھدىت سالدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-12-06 17:06

يىلدا بىر كېلىدىغان روژدېستۋو بايرمىنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن تېررورلۇق تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى» يەنە تەھدىت سېلىپ: يېڭى يىلدا نيۇ-يوركقا تېررورلۇق ھۇجۇمى قىلىمىز دېدى. نيۇ-يورك ساقچىلىرى «تەنھا بۆرە ھەرىكىتى» يۈز بېرىشتىن ساقلىنىش تەييارلىقىنى قىلىپ بولدى. نيۇ-يورك شەھەرلىك ساقچى ئاخبارات ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىدارىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گەرچە ئەسەبىي تەشكىلاتلار ئىگىلىۋالغان زېمىننىڭ قىسمەنلىرى قايتۇرۇۋېلىنغان بولسىمۇ، بىراق بۇ تەشكىلاتلارنىڭ دۇنيا مىقياسىدىكى تەشۋىقاتىنىڭ ئۈنۈملۈك ئادەم قوبۇل قىلىش قورالى ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكا زېمىنىغا ئاددىي يەنە كېلىپ جان ئالغۇچ تېررورلۇق ھۇجۇمى قوزغىيالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.

نيۇ-يۇرك ساقچى ئىدارىسىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئاخبارات خىزمىتىگە مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى مىللېر مۇنداق دېدى: تېرورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدا ئادەم قوبۇل قىلىش ھەرىكىتى «تەنھا بۆرە ھەرىكىتى»نى يەنىمۇ تەسلەشتۈرۈۋەتتى، ئۇلارنىڭ ئىزىغا چۈشۈش ئەسلىدىنلا تەس ئىدى.