رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ياخشى مۇناسىۋىتىنى تاشقى ئامىل بەلگىلىمەيدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-12-06 17:08

رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى زاخاروۋ 12-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا، رۇسىيە بىلەن جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ئۆز ئارا قەدىرلەيدۇ، بۇ خىل مۇناسىۋەت تاشقى ئامىل تەرىپىدىن بەلگىلەنمەيدۇ دېدى.

زاخاروۋا شۇ كۈنى شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 13-قېتىملىق يىغىنى مەزگىلىدە ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ كۆرۈشۈش ئىشى ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە، رۇسىيە جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئىككى تەرەپ دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ئۆز ئارا قەدىرلەيدۇ، بۇ خىل مۇناسىۋەت خەلقئارا ۋەزىيەت تەرىپىدىن شۇنداقلا رايون ۋەزىيىتى تەرىپىدىن بەلگىلەنمەيدۇ، رۇسىيە بىلەن جۇڭگو-يېقىن قوشنىلار، چېگرا، جۇغراپىيە، تارىخ ۋە خەلقنىڭ مەنپەئەتى-ئىككى دۆلەتنى زىچ باغلاپ تۇرىدۇ دېدى.