پەلەستىن خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ يەھۇدىيلار مەھلىسى قۇرۇلۇشىنى توسۇسىنى مۇراجىئەت قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-01-09 17:54

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

پەلەستىن دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى مۇشۇ ئاينىڭ 8 - كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا يەھۇدىيلار مەھەللىسى قۇرۇپ پەلەستىن زېمىنىنى ئىگىلىۋېلىش قىلمىشىنى توسۇشىنى مۇراجىئەت قىلدى. پەلەستىن دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيە دائىرىلىرىنىڭ پەلەستىنلىكلەرنىڭ كەڭ زېمىنىنى ئىگىلەپ، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەرىبىي قىرغىقىدىكى شەھەر بىتىخلىخىمنىڭ جەنۇبىدىكى بىر يەھۇدىيلار مەھلىسى نۇقتىسى قۇرۇلۇشىغا ئىشلەتكەنلىكىنى ئەيىبلىدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: بۇ نەچچە مىڭ يۈرۈش يەھۇدىيلار مەھلىسى قۇرۇلۇشى پىلانىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، پەلەستىننىڭ بىتلىخىم شەھىرىنى ھەر قايسى تەرەپلەردىن پاسىل تام بىلەن قورشاۋغا ئېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.