تۈركىيە، ئامېرىكىنىڭ سۇرىيەدىكى كۇرد قوراللىق كۈچلىرىنى تەمىنلىگەن قوراللىرىنى يىغىۋېلىشنى ئۈمىد قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-01-09 17:54

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

تۈركىيە زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى كارلىن مۇشۇ ئاينىڭ 8-كۈنى، تۈركىيە ئامېرىكىنىڭ سۇرىيەدىن ئەسكەر چېكىندۈرگەن مەزگىلىدە، بۇنىڭدىن بۇرۇن «خەلقنى قوغداش قىسمى» قاتارلىق سۇرىيەدىكى كۇرد قوراللىق كۈچلىرىنى تەمىنلىگەن قوراللىرىنى قايتۇرۇۋېلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. كارلىن تۈركىيە ئەمەلدارى زىيارەتكە كەلگەن ئامېرىكا ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن يۇقىرىقلارنى بىلدۈردى. شۇ كۈنى، تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىيە ۋە ھەربىي ئەمەلدارلىرى ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى ياردەمچىسى بورتون ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى، ئىككى تەرەپ، ئامېرىكىنىڭ سۇرىيەدىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش ۋە كۇردلار مەسىلىسىنى نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلدى.