پومپىيۇ: ئامېرىكا سۇرىيەدىن ئەسكەر چېنكىندۈرۈشى ئىسلام دۆلىتى قوراللىق كۈچلىرىگە زەربە بېرىش خەلقئارا ئىتتىپاقىنىڭ ئەمەلى كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرمايدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-01-09 17:54

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى پومپىيۇ مۇشۇ ئاينىڭ 8-كۈنى ئىئوردانىيەنىڭ پايتەختى ئامماندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى : ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەدىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش قارارى، ئامېرىكا يېتەكچىلىكىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاقنىڭ «ئىسلام دۆلىتى»گە زەربە بېرىش ئەمەلىي كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرمايدۇ. پومپىيۇ ئىيوردانىيەنىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى سافاد بىلەن ئۆتكۈزگەن بىرلەشمە مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ ئامېرىكىنىڭ سۇرىيەدىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش قارارى «ئىسلام دۆلىتى»گە زەربە بېرىش خەلقئارا ئىتتىپاقنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى ھەرگىز ئاجىزلاشتۇرمايدۇ. ئۇ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كەلگۈسىدىكى بىر نەچچە كۈن ھەتتا بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە، ئامېرىكا دىپلوماتىيە ۋە ئىقتىسادىي يوللار ئارقىلىق ئىرانغا داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىدۇ.