ئەنگلىيە پارلامېنتى كىېيىنكى ھەپتا ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش توغرىسىدىكى كېلىشىمگە ئاۋاز بېرىدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-01-09 17:53

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىر مەھكىمىسى مۇشۇ ئاينىڭ 8-كۈنى، بىر مەھەل كېچىكتۈرۈلگەن ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش كېلىشىمىگە مۇشۇ ئاينىڭ 15-كۈنى پارلامېنتنىڭ تۆۋەن پالاتاسىدا ئاۋاز بېرىلىدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈردى. باش ۋەزىر مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى مۇنداق دېدى: مۇشۇ ئاينىڭ 15-كۈنىدىن بۇرۇن، پارلامېنت تۆۋەن پالاتاسى ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش توغېرىسىدىكى كېلىشىمىنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇنازىرە ئېلىپ بارىدۇ. جامائەتچىلىك مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: كېلىشىمنىڭ پارلامېنتتا ماقۇللىنىشىدا توسالغۇ بىر قەدەر زور، ئەگەر كېلىشىم پارلامېنتتا ماقۇللانمىسا، ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن كېلىشىمسىز ئايرىلىش ئېھتىماللىقى زور دەرىجىدە ئاشىدۇ.

ئەنگىلىيە پارلامېنتى تۆۋەن پالاتاسى ئەسلىدە ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا ئاۋاز بېرىپ، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن ھاسىل قىلغان ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش كېلىشىمىنى ئاۋازغا قويماقچى بولغان. لېكىن ئاۋاز بېرىشتىن بىر كۈن ئىلگىرى، باش ۋەزىرى تىرىسسا ماي كېلىشىمنىڭ ماقۇللانماسلىقىدىن ئەندىشە قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئاۋاز بېرىشنى كېچىكتۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى.