ئامېرىكىنىڭ سودا ساھەسىدىكى رەھبەرلەر ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئامېرىكا جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسىدە ئىنتايىن مۇھىم دەپ ھېسابلىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-01-09 17:53

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

ئامېرىكىنىڭ سودا ساھەسىدىكى كۆپلىگەن رەھبەرلەر مۇشۇ ئاينىڭ 7-كۈنى كەچتە نىيۇيوركتا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىغا 40 يىل بولغان پەيتتە، ئىككى دۆلەت يەنىلا بىر - بىرىگە مۇھتاج، ئىككى تەرەپ داۋاملىق قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

ئامېرىكا جۇڭگو باش سودا جەمئىيىتىنىڭ 2019-يىللىق كەچلىك زىياپىتىدە، يەر شارى سۇغۇرتا كەسپىنىڭ باشلامچىسى ئامېرىكا خەلقئارا گۇرۇھىنىڭ سابىق باش مۇدىرى قوشۇمچە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى مورىس گېلىبولىگ : مېنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچەم كامىل دېدى.

ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى كارتىر شۇ كۈندىكى پائالىيەتكە ئەۋەتكەن تەبرىك خېتىدە مۇنداق دېدى: مەن جۇڭگونىڭ ئەينى چاغدىكى رەھبىرى دېڭ شاۋپىڭ بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش توغرىسىدا سۆھبەتلەشكىنىمدە، نۇرغۇن توسالغۇلارنى يېڭىپ ئاندىن كېلىشىم ھاسىل قىلغان ئىدۇق. ئۇ مۇنداق دېدى: ئەينى ۋاقىتتا بارلىق كىشلەر بۇنىڭ ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونى ۋە پۈتكۈل دۇنيانى قانداق ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى پەرەز قىلالمىغان ئىدى.