مۇن جيېئىن: جۇڭگو يادروسىزلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە پائال رول ئوينىماقتا
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-01-11 16:46

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

كورىيە زۇڭتۇڭى مۇن جيېئىن تۈنۈگۈن زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە: جۇڭگو يېرىم ئارالنىڭ جەنۇبىي بىلەن شىمالىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش، يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇش ۋە تىنچ، مۇقىملاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىش جەھەتتە داۋاملىق پائال ۋە مۇھىم رول ئوينىماقتا، دېدى.

مۇن جيېئىن شۇ كۈنى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن يېڭى يىللىق مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: يېقىندا چاۋشەن-ئامېرىكا رەھبەرلىرىنىڭ 2-قېتىملىق ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزۈلىدۇ، چاۋشەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئۇننىڭ چاۋشەن-ئامېرىكا رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىدىن كېيىن سىئولدا زىيارەتتە بولۇشىنى كۈتمەكتىمەن.
مۇن جيېئىن چاۋشەن بىلەن ئامېرىكىنىڭ يادروسىزلاشتۇرۇش سۆلىشىشىدە مۇناسىپ تەدبىر قوللىنىشىنى مۇراجىئەت قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: چاۋشەننىڭ يادروسىزلاشتۇرۇش ھەققىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەمەلىي تەدبىر چىقىرىشى زۆرۈر، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا چاۋشەنگە مۇناسىپ تەدبىر قوللىنىش ئارقىلىق يادروسىزلاشتۇرۇش مۇساپىسىغا تۈرتكە بولۇشنىمۇ ئويلىشىش كېرەك. مېنىڭچە، ئۆزئارا ئىشىنىشنىڭ كەمچىل بولۇشى چاۋشەن بىلەن ئامېرىكىنىڭ يادروسىزلاشتۇرۇش سۆلىشىشى نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ئاچقۇچلۇق قىيىن مەسىلە.