ۋېنېزۇئېلا زۇڭتۇڭى، ۋېنېزۇئېلا تارىخىتىكى ئەڭ چوڭ كۆلەملىك ھەربى مانېۋىرنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-02-11 16:34

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: شۇ يەر ۋاقتى مۇشۇ ئاينىڭ 10 - كۈنى ، ۋېنېسۇئېلا زۇڭتۇڭى مادۇرو، «2019-يىل ئانگوستۇرانىڭ 200 يىللىقى» ناملىق ھەربىي مانېۋىرنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىغان، بۇ ۋېنېسۇئېلا تارىخىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان بىر قېتىملىق ھەربى مانېۋىر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ قېتىمقى مانېۋىر مۇشۇ ئاينىڭ 10 -كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلدىكەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا: مادۇرو يېقىندا بىر قېتىملىق سۆزىدە، بۇ ۋېنېزۇئېلانىڭ 200 يىل مابەينىدە ئۆتكۈزگەن ئەڭ چوڭ كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىرى بولۇپ ، دۆلەتنىڭ قوراللىق قىسىملىرى ۋە خەلق ئەسكەرلىرى بۇ قېتىملىق مانېۋىرغا قاتىشىدىغانلقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ۋېنېسۇئېلا ئىلگىرىكى ھەرىكەت تەجرىبىسىدىن پايدىلىنىپ « يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان ھەربىي تەھدىت »كە باھا بېرىدۇ.