تايلاندىنىڭ پۇجى دېڭىزدا كاتىر سوقۇلۇپ كىتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ جۇڭگولۇق 11 ساھيائەتچى يارىلاندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-02-11 17:32

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگونىڭ تايلاندنىڭ سۇڭكادا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانسى مۇشۇ ئاينىڭ 10-كۈنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جۇڭگولۇق 11 ساياھەتچى ئولتۇرغان بىر كاتىرنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 9 -كۈنى چۈشتىن كېيىن پۇجى دېڭىز تەۋەلىكىدە بۇ يەردە توختاقلىق بىر ماي پاراخوتى بىلەن سوقۇلۇپ كېتىپ جۇڭگولۇق 11 ساياھەتچى بىلەن ئىككى كىمە خادىمىنىڭ يارىلانغانلىقىنى، قازا قىلىش ئەھۋالىنىڭ يۇز بەرمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، جۇڭگونىڭ سۇڭكادا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخاناسى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، دەرھال جىددىي مېخانىزمنى يولغا قويدى، پۇجىدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىنىڭ مەسئۇلى بىرىنچى ۋاقىتتا دوختۇرخانىغا بېرىپ يارىلانغانلارنى يوقلىدى، دوختۇرخانا تەرەپتىن ياردارلارنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ساقچى تەرەپنى دېڭىز ئىشلىرى قاتارلىق تارماقلارنى تېزدىن ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈشكە، ئالاقىدار تەرەپلەرنى كېيىنكى ئىشلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشقا دەۋەت قىلدى.