جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:
پاكىستان زۇڭلىسى ئىمرانخان مۇشۇ ئاينىڭ 10 -كۈنى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ دۇبەيدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى : پاكىستان مالىيە قىزىل رەقىمىنى يەنىمۇ ئازايتىش ئۈچۈن، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تەييارلىق قىلىپ قويدى. پاكىستان ھۆكۈمىتى چەتئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلار ئۈچۈن ياخشى مەبلەغ سېلىش مۇھىتى يارىتىپ،بىرلىكتە بايلىق ياراتىدۇ.
ئىمرانخان شۇ كۈنى 7 - نۆۋەتلىك دۇنيا ھۆكۈمىتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. ئۇ نۇتقىدا مۇنداق دېدى : پاكىستان كەڭ دائىرلىك ئىقتىسادى ئىسلاھات پىلانىنى تۈزۈپ، چەتئەل شىركەتلىرىنى پاكىستانغا مەبلەغ سېلىشغا ئىلھاملاندۇردۇ ھەمدە ساياھەت بازىرىنى ئىچىۋىتىش توغرىسىدا ۋەدە بېرىدۇ.