ئىسرائىلىيە، پەلەستىنگە تاپشۇرىدىغان ۋاكالىتەن يىغىدىغان باجنى تۇتۇپ قىلىشنى ئازايتماقچى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-02-11 17:32

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

مۇشۇ ئاينىڭ 10 -كۈنى ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نېتانىياخۇ ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنگە ۋاكالىتەن يىغىدىغان باج پۇلىنى تۇتۇپ قىلىشنى رەسمىي ئازايتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نىتانىياخۇ شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن كابېنت يىغىنىدا مۇنداق دېدى: تېررورچىلارنىڭ مائاشنى تۇتۇپ قىلىش قانۇن » دىكى مۇناسىۋەتلىك تەييارلىق خىزمىتى بىر ھەپتە ئىچىدە تاماملىنىدۇ، مۇشۇ ئاينىڭ 17 - كۈنى، ئىسرائىلىيە خەۋىپسىزلىك كابېنتى يىغىن ئاچىدۇ ھەمدە پەلەستىنگە تاپشۇرۇدىغان ۋاكالىتەن يىغىدىغان باج سوممىسىنى ئازايتىشنى قارار قىلىدۇ.

پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە 1994 - يىلى ئىمزالىغان كېلىشىمنامىگە ئاساسەن، ئىسرائىلىيە پەلەستىنگە توشۇلىدىغان ماللاردىن تاموژنا بېجى ئېلىشقا مەسئۇل بولغان ھەمدە ئىسرائىلىيەدە خىزمەت قىلىۋاتقان پەلەستىنلىكلەردىن ئىلىنغان شەخسىي تاپاۋەت بېجىنى پەلەستىنگە تاپشۇرۇپ بەرگەن. ھەر يىلى يىغىلىدىغان 1 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق پۇل پەلەستىن ھۆكۈمىتى خامچوتىنىڭ تەخمىنەن ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى ئىگىلەيدۇ.