كورېيە زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى، چاۋشيەن بىلەن ئامېرىكا ۋەكىللىرىنىڭ تىرامپ بىلەن كىم جوڭئۇننىڭ ئۇچرىشىشىدىن ئىلگىرى يەنە بىر قېتىم سۆھبەتلىشىشنى پىلانلىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-02-11 17:32

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

كورېيە زۇڭتۇڭى مەھكىمىسى مۇشۇ ئاينىڭ 10 -كۈنى مۇنداق دېدى: چاۋشيەن بىلەن ئامېرىكا ۋەكىللىرى چاۋشيەن - ئامېرىكا باشلىقلىرىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشغا تەييارلىق كۆرۈش ئۈچۈن، يېقىندا يەنە بىر قېتىم سۆھبەتلەشمەكچى.

كورېيە زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى شۇ كۈنى مۇنداق دېدى: مۇشۇ ئاينىڭ 17-كۈنىدىن كېيىنكى بىر ھەپتە ئىچىدە چاۋشيەن - ئامېرىكا ۋەكىللىرى ئاسىيادىكى ئۈچىنچى دۆلەتتە يەنە بىر قېتىم سۆھبەتلىشىشنى ئۇمىد قىلدى. باياناتچى سۆھبەتنىڭ كونكرېت ئورۇنى بىلەن ۋاقىتى توغرىسىدا ئىزاھات بەرمىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: كورېيە زۇڭتۇڭى مون جەئىن بىلەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامىپ يېقىندا چاۋشيەن-ئامېرىكا رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى. كورېيە تاراتقۇلىرىنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، مون جەئىن تىرامپ بىلەن تېلېفونلشىش شەكلى ئارقىلىق سۆھبەتلشىشى مۇمكىنكەن.