تايلاند جۇڭگو پۇقرالىرى چاغاننى بىرلىكتە تەبرىكلىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-02-11 17:32

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

مۇشۇ ئاينىڭ 9-كۈنى كەچتە، تايلاند ناكخون ساۋان مەركىزى شەھىرىدە كىشىلەر قىزىل رەڭلىك كىيىملەرنى كىيىپ، جۇڭگو بىلەن تايلاندنىڭ ئەنئەنىۋى ئالاھىدىلىككە ئىگە نومۇرلارنى ئوينىدى، رەڭگارەڭ ساليۇت كېچە ئاسماننى يورۇتتى.

بۇ بۇ يىل جۇڭگونىڭ چاغىنىنى 12 كۈن تەبرىكلەش مۇراسىمىنىڭ ئاخىرقى بىر كۈنى بولۇپ، شۇ جايدا كاتتا يېپىلىش مۇراسىمى كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ 12 كۈن ئىچىدە، ناكخون ساۋان زىننەت ماشىنا كۆركى، ئەجدىھا ئۇسسۇلى، شىر ئۇسسۇلى، ئەنئەنىۋى بۇتخانا سەيلىسى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزدى.

خەلقنىڭ ئورتاق تەبرىكلەش پائالىيىتىدىن باشقا، يېقىنقى 15 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن تايلاند ھۆكۈمەتلىرىمۇ ئىزچىل ھەمكارلىشىپ «چاغان شادلىقى» تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، 2019-يىلى تايلاندىكى «چاغان شادلىقى» پائالىيىتى مەزگىلىدە، جۇڭگو مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى تەشكىللەپ ئەۋەتكەن 13 مەدەنىيەت ئۆمىكى بانكوك قاتارلىق جايلاردا ئويۇن قويۇش، يېمەكلىك، ساياھەت تونۇشتۇرۇش ۋە كۆرگەزمە قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزگەن.

مۇشۇ ئاينىڭ 5-كۈنى چاغاننىڭ بىرىنچى كۈنى، «چاغان شادلىقى» پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى باڭكوكدىكى جۇڭگولۇقلار كوچىسىدا ئۆتكۈزۈلدى، تايلاند مەلىكسى شىلىنتۇڭ قاتناشتى، يەنە تايلاند زۇڭلىسى پرايۇت قاتارلىق تايلاندنىڭ سىياسىي ئەربابلىرى قاتناشتى.