شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئشىلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيىتى باش تېمىلىق يانداش يىغىنى جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-14 17:59

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 40 ـ قېتىملىق يىغىنى مەزگىلىدە، جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدە دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات جەمئىيىتى مۇشۇ ئاينىڭ 13 -كۈنى بىرلىكتە جەنۋەدە « شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرى » باش تېمىلىق يانداش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، تارىخ، رېئاللىق ۋە قانۇن نۇقتىسىدىن شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك تونۇشتۇردى، ھەمدە بىر قىسىم يالغان ئۇچۇرلارنى پاش قىلدى.

جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدە دائىمىي تۇرۇشلۇق ئىش باشقارمىسى بىلەن شىۋېيتسارىيەدىكى باشقا خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىلى يۈ جيەنخۇا سۆزىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۈگۈنكى شىنجاڭ تارىختىكى تەرەققىياتى ئەڭ تېز، ئەڭ مۇقىم مەزگىلى بولۇپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىقتىسادىي، سىياسەت، جەمئىيەت، مەدەنىيەت، مۇھىت ھوقۇقى تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىندى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى تېررورلۇققا، ئەسەبىيلىككە زەربە بېرىپ شىنجاڭنىڭ بۈگۈنكىدەك گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.